Uyghur主要词典
قۇزغۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈكى قاپقارا ياكى ئالا - بۇلا كۆچمەنچى قۇش.
«زاغ» خوتەن دىئالېكتدا، «قۇز» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. قاغا پۇتى خەت. ئەجىلى يەتكەن قۇزغۇن قارچىغا بىلەن ئوينىشار. قاغا - قۇزغۇنغا يەم بولماق. تاۋۇش بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندا زاغ، كەكلىك قەھقەسىدىن ياڭراپ كەتتى باغ. سېخىينىڭ بېغىغا قۇز قونماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇزغۇن.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بۆرىمنگ ئورتاق قۇزغۇننۇڭ يىغاچ باشىندا _ بۆرىنىڭ ئورتاق، قۇزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا. قاغا - قۇزغۇن بۆرىنىڭ تاپقىنىغاتەڭ شېرىك بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى بولسا، دەرەخ بېشىدا ئولتۇرۇپ يەيدۇ.
1 - 572
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاغا، قۇزغۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زوئولوگىيە
قاغا تىپىدىكى بىر خىل تاپ قۇشى، تېنى قاغىدىن سەل چوڭ ۋە ھەممە يېرى تۇم قارا كېلىدۇ. ئۆزى بىرەر جانلىقنى ئالالمايدۇ، پەقەت ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدۇ.