Uyghur主要词典
قۇترىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غالجىر ھالىتىگە كەلمەك، ساراڭلارچە ھەرىكەتلەنمەك.
غالجىرلاشقان دۈشمەن ئۆز ئادىمىنىمۇ قىرىدۇ. قۇترىغان جاجىسىنى تارتماي قالماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرماق، جىددىي ھەرىكەت قىلماق.
قورققان جانىۋارلار ھەر تەرەپكە قۇترىدى.
سەلب. بىرەر يامان مەقسەت بىلەن ھەرىكەت قىلماق؛ ھەرىكەت ئېلىپ بارماق.
ئۆز يېقىنلىرىدىن بولغان سەيپۇڭ توختىنىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ، گاھ ئوچۇق، گاھ يوشۇرۇن قۇتراپ يۈرگەنلىكى تۆمۈرگە مەلۇم ئىدى.
ھەرىكەتكە كەلمەك، چىقماق؛ قاپلىماق، باسماق.
مەن غۇلجىغا كىرگەندە، قارا بوران قۇترىدى.