Uyghur主要词典
قۇتقۇزغۇچى ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
كىمبانگۇچىلىق ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېلگىيىگە قاراشلىق كونگو (ھازىرقى زايىر) خەلقىنىڭ بېلگىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دىنىي ھەرىكىتى. 1921 - يىلى كىمبانگۇ ئەيسانىڭ دۇنياغا قايتا كېلىش مەنبەسى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن نېگىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن دەپ، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ باراۋەر بولۇشىنى، تاجاۋۇزچىلارنى موغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. كىمبانگۇ 12 ئەلچىنى تاللاپ جايلارغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن، ئاقساقال، پوپ، مىسسىئونىر دېگەن دىنى تەبىقىلەرنى ئورناتقان ھەم چېركاۋ سالغان، 1921 - يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر كىمبانگۇ قاتارلىقلارنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىنى سۈرگەن قىلغان. 1925 - 1930 - يىللىرى ئاشكارا پائالىيىتى چەكلەنگەن. 1939 - يىلى سىمون - پېررې مپادى بۇ ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، <نېگىر دىن تارقىتىش جەمئىيىتى> قۇرۇشنى ئوتتۇرغاقويغان. ئۇ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن فرنسىيىگەقاراشلىق كونگوغا قېچىپ بېرىپ، داۋاملىق دىن تارقاتقان. 1954 - يىلى كىمبانگۇنىڭ ئوغلى دىئانگيېندا رەھبەرلىك قىلغان، ئۇ بۇ ھەرىكەتىڭ ساپ دىنىي خاراكتىرىنى بايان قىلغان، كىشىلەرنى باج تاپشۇرۇش ۋە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. 1959 - يىلى قانۇنىي ھەرىكەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. زايىر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مىللىي چېركاۋلا دەپ ئاتالغان.