Uyghur←Chinese主要词典
قۇتلۇق يىگىتلەر
دۇنيا تارىخى
花郎
huā láng
چاۋشيەندىكى سىللا بەگلىكىنىڭ خادىم تاللاش تۈزۈمى. بۇ ئىش <ئۈچ پادىشاھلىق تارىخى، سىللا تەزكىرىسى> نىڭ 7 - جىلدىدا قەيت قىلىنغان. پادىشاھ - جىنشىڭۋاڭنىڭ 37 - يىلى، ئاقسۆڭەك ياشلىرى ئىچىدىن ئىككى نەپەر كېلىشكەن يىگىتنى تاللاپ چىقىپ، ياساندۇرۇپ، بۇلارنى قۇتلۇق يىگىتلەر دەپ ئاتىغان. ھەرقايسى جايلاردىن مۇرىت توپلىغان، بۇلارنى قۇتلۇق يىگىت مۇخلىسلىرى دەپ ئاتىغان. بۇ مائارىپ ئورگىنى، ھەربىي تەشكىلاتى ۋە دىنىي يىغىلىش فونكىسىيىسىگە ئىگە تەشكىلات بولۇپ، كۇڭزىچىلىق، بۇددىزم ۋە تەرىقەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەنگەن، چامباشچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ، بەدەن چېنىقتۇرغان، ناخشا - ئۇسسۇل، ئويۇن - تاماشا ۋە ساياھەت قىلدۇرۇپ مىجەز - خۇلقىنى تاۋلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىنى سىناپ، ئىقتىساسلىق خادىملارنى تاللىغان. ئاتاقلىق سەردار سىدۇخەن، جىن يۈشىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قۇتلۇق يىگىتلەردىن كېلىپ چىققان. سىللانىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بۇ خىل تۈزۈم پەيدىنپەي زەئىپلەشكەن.