Uyghur主要词典
قۇتىب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنسى «ئوق مەركىزى»، «قۇتۇپ» ياكى «شىمالىي قۇتۇپ» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قۇتىب دېگەندە (1) ئالەمنىڭ «مەنىۋى مەركىزى» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەربىر دەۋردە شۇ مەركەزنى ئىپادىلىگۈچىلەر بولىدۇ. مەسىلەن، تۆت خەلىپە شۇ دەۋرنىڭ ۋەكىللىرى بولدى. (2) تەسەۋۋۇپچىلار ئىچىدىكى ئەۋلىيالارنىڭ دەرىجىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىلەر قۇتىب ئەۋلىيالار دەرىجىسىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، ئاللاغا ئەڭ يېقىن تۇرىدۇ، ئالەمنىڭ «مەركىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن شەيخ، مۇرشىد، پىر قاتارلىق مەنىۋى داھىيلار بىلەن شاگىرتلار (مۇرىد، تالىپ قاتارلىقلار) غا سوپىلىق ئىجازەسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادغا قالدۇرىدۇ ۋە سىرلىق مەنىلەرنى ئۆگىتىدۇ. شۇ سۆزنى ئىسىم قىلغانلار (مەسىلەن، قۇتبىدىن) مۇقەددەس دىننىڭ شىمالىي قۇتۇبى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. (3) شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ تەسەۋۋۇپ پىر قىسى قۇتىبنى غايىب ئىمامنىڭ پانىي ئالەمدىكى ۋەكىلى،دەپ ئاتايدۇ. لېكىن بۇنداق دېيىشكە مۇجتەھىدلەر قارشى تۇرىدۇ. (4) جۇڭگودىكى خەنزۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلار، ئاساسلىقى خەنزۇلار ئارىسىدىكى جەھرىيەنىڭ رەئىسلىرى ۋە جامائىتى ئىمامنى ھۆرمەتلەپ شۇنداق ئاتايدۇ.