Uyghur主要词典
قۇتادغۇبىلىگ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ مەنسى «بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم» دېگەنىلى بولىدۇ. ئۇ ئەسەرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردە ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان، بۇ ئەسەر ئىككى مۇقەددىمە، 85 باب، ئۈچ قوشۇمچە، 13.290 مىسرادىن تەركىب تاپقان. مەزمۇنى ئىسلام ئېتىقادى، كامالەت يېتىشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى خاتىرجەملەندۈرۈش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بۇ ئەسىر Ⅺ ئەسىردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئۈچ نۇسخىسى بار : (1) پەرغانە نۇسخىسىⅫ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆچۈرۈلگەن، ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ تولۇق كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ؛ (2) قاھىرە نۇسخىسىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن ئەمەس؛ (3) ۋېينا نۇسخىسى 1439 - يىلى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ نېمىسچە، تۈركچە، روسچە، ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ۋە سىلاۋىيان يېزىقىدىكى تۈزىتىش نۇسخىلىرى بار. بۇ ئەسەر 1979 - يىلى شىنجااڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنىدى؛ 1984 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز ۋەزنى بىلەن نەزمى شەكىلدە ئىشلىنىپ نەشر قىلىندى. 1989 - يىلى بۇ نەشرىيات تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.