Uyghur主要词典
قۇت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بەخت، سائادەت، تەلەي، مۇبارەك: قۇتاتماق - قۇتلۇق بولماق، ئەسقاتماق؛ قۇتانماق - بەختكە ئېرىشمەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېمەك، ئوزۇق، تاماق: قۇت ئەتمەك - ئوزۇقلانماق، تاماق يېمەك؛ قۇت لايمۇت - ئۆلمەسلىك ئوزۇقى، تىرىكلىك ئوزۇقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بالا، قازا، بالا - قازا، ئاپەت، كۈلپەت
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇت، بەخت، دۆلەت.
« قۇتلۇغ» سۆزىمۇ شۇنىڭدىن ياسالغان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قۇت قۇۋىغ بېرسە ئىزىم قۇلىڭا
كۈندە ئىشى يۈكسەپەن يۇقار ئاغار
«بەخت - دۆلەت بەرسە ئىگەم قۇلىغا،
كۈندە ئىشى يۈكسىلىپ يۇقىرى ئۆلەر.»
1 - 420
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەزرەت
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قەسەم؛ قۇت قولۇنماق _ قەسەم قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا. بەخت، تەلەي؛ بايلىق.
- ھە، كاتتا كىشىنىڭ تويى ئىكەن، تەڭرى قۇت بەرگەي، - دېدى باربىتچى ئايال.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بەخت، سائادەت، دۆلەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بەخت - سائادەت، شاد - خۇراملىق.