Uyghur主要词典
قۇرۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈزمىنى ھەر خىل شەكىلدە سىقىملاپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك.
قۇرۇت قۇرۇتماق. * قۇرۇت يېمەك. * قۇرۇت ساتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1 . ھەر خىل يول بىلەن نەملىكنى يوقاتماق.
كىيىمنى قۇرۇتماق. * ھۆل ئوتۇننى قۇرۇتماق. * بۇغداينى قۇرۇتماق.
2 . يوقاتماق، تۈگەتمەك. نەسلىنى قۇرۇتماق. * ئۇ ھەممىنى قۇرۇتتى، ھېچنېمە قالدۇرمىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇت.
سۈتتىن ئىشلەنگەن قۇرۇت.
1 - 462
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوي، ئۆچكە ياكى كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.
قۇرۇت يېمەك. قۇرۇت ساتماق.