Uyghur主要词典
قۇرۇلۇشتا زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى، قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - خەلقنىڭ مال - مۈلۈك ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، لايىھىلىگۈچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇن بولىدۇ. ئورۇنلار جىنايەت ئۆتكۈزسە قوش جازالاش تۈزۈمى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
137 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلسا، بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。