Uyghur主要词典
قۇرتۇلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇتۇلدى، يەڭگىدى.
ئۇراغۇت قۇرتۇلدى _ خوتۇن يەڭگىدى. ئەر ئەمگەكتىن قۇرتۇلدى _ ئادەم جاپا - ئەمگەكتىن قۇتۇلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆزلەك ياراغ كۆزەتتى
ئوغرى تۇزاق ئۇزاتتى
بەگلەر بەگىن ئازىتتى
قاچسا قالى قۇرتۇلۇر
«زامانە پۇرسەت كۈزەتتى،
ئوغرى (يۇشۇرۇن) تۇزىقىنى قۇردى،
بەگلەر بېگىنى ئازدۇردى،
قاچسا قانداق قۇتۇلار؟»
زامانە پۇرسەت كۈزەتتى، يەر ئاستىغا يوشۇرۇن تۇزىقىنى قۇردى؛ بەگلەر بېگىنى ئازدۇردى، ئۇ بۇنىڭدىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالايدۇ؟ بۇ يەردىكى بەگلەر بېگى دېگىنى ئافراسىياپتۇر ( قۇرتۇلۇر _ قۇرتۇلماق). بۇ سۆزنىڭ ئەسلى « قۇتۇلدى» دۇر.
2 - 338