Uyghur主要词典
قۇم تۇپراقتا ساقلاش
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزم سپورىسىنى ساقلايدىغان بىر خىل ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ساقلاش ئۇسۇلى. تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددا سۇيۇق تۇز كىسلاتاسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ چىقىرىۋېتىلگەن، سۇ بىلەن يۇيۇپ نېيتراللاپ قۇرۇتۇپ، غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان قۇمنى تەركىبىدە چىرىندى بولمىغان ھەمدە سۇ بىلەن يۇيۇپ، نېيتراللاپ، قاقلاپ قۇرۇتۇپ، ئېزىپ غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈلگەن سېغىز توپا بىلەن بەلگىلىك نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، پروبىركىلارغا قاچىلاپ، ئۈزۈل - كېسىل ستېرىلزاتسىيىلەپ، مىكرو ئورگانىزم سپورىسىنىڭ سۇ سپېنزىيىلىك ئېرىتمىسىدىن ئارىلاشتۇرۇپ (ياكى يانتۇ يۈزىدە ئۆسكەن سپورىنى قۇم تۇپراق بىلەن بىۋاستە ئارىلاشتۇرۇپ)، ۋاكۇئۇم بوشلۇقتا قۇرۇتقاندىن كېيىن پروبىركىلارنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ توڭلاتقۇ ياكى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل باكتېرىيىنىڭ بىخ سپورىسى، ئاكتىنومىتسېس ۋە كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ سپورىسى قاتارلىقلارنى ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ساقلاش مەزگىلى 1 - 2 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. يىراق ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىلىرىنى ساقلاش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ