Uyghur主要词典
قۇم سازىڭى
بىئولوگىيە
<نېرېس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ ئۇ كۆپ تۈكلۈكلەر سىنىپىنىڭ نېرېس ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ياپىلاق، ئۇزۇن، نۇرغۇنلىغان تەن بوغۇملىرىغا بۆلۈنگەن، ھەمدە ئېغىز ئالدى ياپراقچىسى ھەم ئېغىز ئەتراپى بوغۇمدىن تەركىب تاپقان، ئېنىق باش قىسمى، سېزىش بارماقچىلىرى، سېزىش چىۋىقلىرى ۋە كۆزى قاتارلىق سەزگۈ ئورگانلىرى بولىدۇ. ئېغىزى باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولىدۇ. گەۋدە قىسمى تەن بوغۇملىرىنىڭ ئىككى يېنىدا، ئادەتتە ھەر بوغۇمدا ھەر جۈپتىن سۆگەلسىمان ئاياغلىرى بولىدۇ. ھەر بىر سۆگەلسىمان ئايىغى دۈمبە ۋە قورساق پۇتلىرىغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر پۇتىدا بىر تۇتامدىن قىلچىق تۈك ۋە سۆگەلسىمان ئاياغ ئىچىگە چۆكۈپ تۇرغان، تىرەك رولىنى ئوينايدىغان بىر تال يىڭنىسىمان تۈكچىسى (پۇت يىڭنىسى) بولىدۇ. دۈمبە، قورساق تەرەپلىرىنىڭ ھەرقايسىسىدا دۈمبە بۇرۇتچىسى ۋە قورساق بۇرۇتچىسى بار. سۆگەلسىمان ئايىغى ھەرىكەتلىنىش ئورگىنى بولۇشتىن سىرت يەنە نەپەسلىنىش ھەم سېزىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. تېنىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا سۆگەلسىمان ئايىغى بولماستىن بەلكى بىر جۈپ ئۇزۇن ئانۇس بۇرۇتچىسى بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ سېرىق دېڭىز، بوخەي دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان، لاي، قۇملارغا ماكانلىشىپ كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ، دائىم دېڭىز سۈيىدە ئۈزۈپمۇ يۈرىدۇ. چاڭجياڭ ئېغىزىغا تارقالغان ياپون نېرېسى (N.japonica، يەرلىكلەر سۇ مىڭئايىغى دەپ ئاتايدۇ) بولسا، دائىم دېڭىزدىن ئېقىنغا قارشى دەريا ئېغىزىغا ياكى شاللىقلارغا كېلىپ كۆپىيىدۇ. قۇم سازىڭى (نېرېس) نى بېلىقلار، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ يېمى (ئوزۇقى) قىلىشقا بولىدۇ.