Uyghur主要词典
قۇملۇقنىڭ چۈشى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، خالىدە ئىسرائىلنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، <ئۇ كۆزلەر>، <رەڭدەر قۇيۇن>، <باھاردا ياغقان قار> قاتارلىق تۆت پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. ئاساسەن ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان بۇ ئەسەرلەردە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئاياللارنىڭ ئوبرازلىرى يارىتىلغان، يازغۇچىنڭ ئاياللارنىڭ ئورنى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى بەدىئىي يۇسۇندا ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن، ماخمۇتجان ئىسلام نەشرگە تەييارلىغان كوللېكتىپ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1992 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئەخەت تۇردىنىڭ <قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا>، قاھار جېلىلنڭ <تەقدىرنى كىشلەر يارىتىدۇ>، ئالىمجان ئىسمائىلنىڭ <سەھرالىقلار>، خالىدە ئىسرائىلنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، توختى ئايۇپنىڭ <قۇم باسقان دېڭىز>، جالالىدىن بەھرامنىڭ <قامغان> قاتارلىق پوۋېستلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ پوۋېستلار يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ۋە تۇنجى تۆۋەتلىك <تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى> غا ئېرىشكەن پوۋېستلاردىن تاللانغان.