Uyghur←Chinese主要词典
قۇمچاق
领域: بىئولوگىيە蝌蚪
kēdǒu
پاقا، چارپاقا، سەمەندەر، ترىتون قاتارلىق قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ بالا تەنىسى (لىچىنكىسى). سۇدا ياشايدۇ، يان سىزىقى بار، ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، سىرتقى ژابراسىنىڭ مورفولوگىيىسى تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ژابرا يېرىقچىسىنىڭ سانىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى كلاسسىفىكاتسىيىلەش دەلىلى قىلىشقا بولىدۇ. قوشۇمچە تېرىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ. بەدىنى ئېللىپس شەكىللىك، قۇيرۇقى چوڭ ھەم ياپىلاق؛ سۇدا ئۈزۈپ ھەرىكەتلىنىدۇ. يېتىلگەندە بەزىلىرىنىڭ ئاۋۋال كەينى پۇتى، ئاندىن ئالدى پۇتى چىقىدۇ (مەسىلەن، پاقا)؛ بەزىلىرىنىڭ ئاۋۋال ئالدى پۇتى كېيىن كەينى پۇتى چىقىدۇ (مەسىلەن، سەمەندەر). قۇمچاقنىڭ دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش ئەمەس، قىسقىلىرىنىڭ بىر ئايغا يەتمەيدۇ (كۈرەك پۇتلۇق چارپاقا)، ئۇزۇنلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن ئاشىدۇ (مەسىلەن، كالا پاقا). ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي سۇدا ياشايدىغان قۇيرۇقسىزلار (مەسىلەن، كالا پاقا قاتارلىقلار) نىڭ قۇمچاقلىق دەۋرى ئۇزۇنراق، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ قۇمچاقلىق دەۋرى قىسقىراق بولىدۇ. قۇمچاقلار ھالەت ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئاندىن يېتىلگەن تەنىگە ئايلىنىدۇ. قۇمچاقلار كلاسسىفىكاتسىيىلەپ ئېنىقلاش ئەھمىيىتىگە ئىگە؛ بولۇپمۇ ئاغزى قىسمى. كۆپ ساندىكى پاقىلارنىڭ بالا تەنىسىنىڭ كالپۇكى بولىدۇ؛ ئاستى - ئۈستى جاغلىرىدا بىر نەچچە قاتار تىزىلغان مۈڭگۈز ماددىلىق چىشلىرى بولىدۇ، كالپۇك چىش شەكلى ئادەتتە ئۇرۇقداشقا ئايرىش دەلىللىرىدىن بىرى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، بەزىدە غەربىي جۇڭگو چوڭ چارپاقىسى بىلەن جۇڭخۇا چوڭ چارپاقىسىنىڭ يېتىلگەن تەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن، ھالبۇكى ئالدىنقىسىنىڭ كالپۇك چىش شەكلى 111/ 11؛ كېيىنكىسىنىڭ 111/ 1-1:1 بولىدۇ. سەمەندەرلەرنىڭ بالا تەنىسىنىڭ كۆپىنچە مۈڭگۈز ماددىلىق چىشلىرى بولمايدۇ، ھەم تىپىك تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكىمۇ يوق، لېكىن ئاستى - ئۈستى جاغلىرى ئۇزۇنراق بولۇپ، ھەقىقىي چىشلىرى بولىدۇ. مەلۇم بىر خىل قۇمچاقنىڭ تېپىلىشىنى مەزكۇر رايوندا ئۇلارنىڭ يېتىلگەن تەنىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىشقا ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپىيىش پەسلىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
领域: ئۇنىۋېرسال砣子
tuó ziDنىفىت ئايرىش
磨轮(砂轮)
mó lún (shā lún )Dنىفىت ئايرىش
砂轮(磨轮)
shā lún (mó lún )
领域: ئۇنىۋېرسال(ئى)
kē dǒu 〈dòng 〉
蝌蚪〈动〉
例句
ئۇ يېڭى تۇغۇلغان قۇمچاقنى كۆرۈپ خۇشال بولدى.
翻译: 他看到刚出生的蝌蚪很高兴。
ئادەتتىكى قوللىنىلىشى.
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋاناتلار
(1) سول قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى بىلەن كچىك چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ؛ ئوڭ قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى سول قولدىكى چەمبەرگە تىرەپ، بارماقنى ئەگكەچ كىچىك چەمبەرنى سولغا ئىتتىرىپ قۇمچاقنىڭ ئۈزۈۋاتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
蝌蚪
kē dǒu
GetWord 语料库
9砂轮
shā lún
砣子
tuó zǐ
蝌蚪
kēdǒu
砂轮
shā lún
蝌
kē
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。