Uyghur主要词典
قۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېڭىز - ئوكيان، كۆل - دەريالاردا كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرغان سۇ يۈزى.
«چايقاق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھەقىقەت ئوت ئىچىدە كۆيمەس، دولقۇندىمۇ غەرق بولماس. دولقۇنى يوق دېڭىز بولماس. سايرام كۆلى مەۋج ئۇرغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۆركەش يېرىپ ئۈزگەندىلا، سۇنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇم.
چىگىلچە.
1 - 440
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دولقۇن.
سۇ دولقۇنى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆلۈم قۇمى قوپساقالى تامىغ ئىتەر
كۆرسە ئانى بىلگە كىشى سۆزگە پۈتەر
«كۆلۈم (سۈيى) دولقۇنلىسا، تامنى ئىتتىرەر،
ئۇنى ئاقىل كىشى كۆرسە سۆزگەپۈتەر.»
ئەگەر كۆلۈمنىڭ سۈيى دولقۇنلىسا، گويا ئۆيۈمنىڭ تېمىنى ئۆز جايىدىن ئىتتىرىۋېتىدىغاندەك ئۇرىدۇ، ئەقىللىق ئادەم ئۇنى كۆرسە، سۆزۈمگە چىن پۈتىدۇ.
3 - 187
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىر ئىران چېگرىسى ئىچىدە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شىئە مەزھىپىنىڭ 8 - ئەۋلاد ئىمامى ئەلى رىزا بىننى مۇسا (765 - 818 ) نىڭ ھەدىسى فاتىمە مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقتىن بۇ يەرنىڭ داڭقى چىققان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <گېئول> دانچىلار دېئامېتىرى 1.0-mm 2m بولغان، سېمونتلاشمىغان مىنېرال ۋە تاغ جىنس ئۇۋاقلىرى، ئاساسلىق تەركىبى كۋارتس، دالا شىپاتى، چىرىمتال قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن، ساپ كۋارتسلىق قۇم ئەينەك خام ئەشياسى ۋە قۇرۇلۇش ماتىرىيالى قىلىنىدۇ.
قۇم يىغىلىپ تاش بولماقس، قۇل يىغىلىپ باش بولماس (ماقال).
سۈپ. شۇ خىل شەكىلدىكى؛ ئۇششاق، ئۇۋاق.
قۇم شېكەر.