Uyghur←Chinese主要词典
قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى
دۇنيا تارىخى
贝丘
bèi qiū
ئارخىئولوگىيىلىك ئىسىم. قەدىمكى زاماندا دېڭىز بويى رايونلىرى ياكى كۆل - دەريا بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئىنسانلاردىن قېپقالغان قۇلۇلە قېپى دۆۋىلىرى. بۇنىڭ ئىچىدىن كۆپىنچە يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقى ھەمدە ساپال قاچا - قۇچا ۋە تاش ئەسۋاب قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلرى تېپىلىدۇ. بەزىلىرىگە تېخى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرىمۇ كۆمۈلگەن. قۇلۇلە قېپىنىڭ كالتسىيلىق رولى ئارقىسىدا ئۇستىخان ۋە مۈڭگۈز قاتارلىقلار ياخشى ساقلانغان. شۇ زامانلاردىكى تەبىئەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى تەقلىدىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە، قۇلۇلە دۆۋىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان.