Uyghur主要词典
قۇلۇلە
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قۇلۇلە دائىم چىرايلىق، نەپىس ياسالغان «كىچىك ئۆيى» نى يۈدۈۋېلىپ، نەم جايلاردا ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق پەسىلدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن - ئازادە «كىچىك ئۆيى» گە كىرىۋېلىپ سالقىنلايدۇ − يازلىق ئۇيقۇ (ئۈچەك)غا كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇلۇلە قاتتىق ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ قۇلۇلە ئېغىزىنى ئېتىۋالىدۇ. ھەر نۆۋەت كەچ كۈز كەلگەندە، ئۇ يەنە كۆچۈشكە باشلاپ، تاشنىڭ ئارىلىرىغا، كامارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن «كىچىك ئۆيى» گە قايتا كىرىپ يەنە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قاپچۇق ئېغىزىنى ئېتىۋېلىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرىدۇ، شۇنداق قىلىپ زىمىستان قىشنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئىككىنچى يىلى باھاردا ئويغىنىدۇ.
قۇلۇلە ئاچلىققا بەك چىداملىق. تەجرىبە قىلىپ ئېنىقلىنىشىچە، قۇلۇلە تۆت يىل بىرنەرسە يېمىسىمۇ ئۆلمەيدىكەن.
قۇلۇلە كۆپىنچە نەم، سايە، چىرىندىلىرى كۆپ جايدا ياشايدۇ. كۈندۈزى بىۋاسىتە چۈشىدىغان كۈن نۇرىدىن قېچىپ، دائىم «كىچىك ئۆيى» ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى ئاساسەن كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماق بىخى ۋە زىرائەتلەرنىڭ يىلتىز، يوپۇرماقلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېزا ئىگىلىكىگە زىيانلىق.
قۇلۇلە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قورساق پۇتلۇقلار سىنىپى، ئۆپكىلىك قۇلۇلىلەر كەنجى سىنىپىغا تەۋە. ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قۇلۇلە قېپى ئىچىگە يوشۇرۇنغان، ھەرىكەت قىلغاندا قېپىنىڭ ئېغىزىدىن ياپىلاق ھەم يۇمشاق كاللەكسىمان پۇتىنى چىقىرىپ، يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەيدۇ. پۇتىنىڭ ئاستىدا بەز تەنچىسى بار بولۇپ، ماڭغاندا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇلۇلە يەر بېغىرلاپ ماڭغان يەردە ئىز قالدۇرىدۇ. قۇلۇلىنىڭ يەر بېغىرلاپ مېڭىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، لېكىن ئۆز يولىنى بويلاپ قايتىپ كېلەلەيدۇ.
قۇلۇلىنىڭ ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تەندە بولىدۇ، ئەمما ئۇرۇقلىنىش رولىنى چەتتىن چېتىشىپ ئورۇندايدۇ. ھەر يىلى باھار پەسلىدىن كۈز پەسلىگىچە قۇلۇلىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. قۇلۇلە تۇخۇم تۇغىدۇ، ئۇ ھەر يىلى بىرقانچە قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، بالا قۇلۇلە تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ھامان ئۆزى ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يېيەلەيدۇ.
قۇلۇلىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرى25 مىڭ بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئۇلار گەرچە يېزا ئىگىلىكىگە ئارىلاپ زىيان سالىدىغان زىيانلىق ھايۋان ۋە بەزى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئارىلىقتىكى پارازىت ئىگىسى بولسىمۇ، لېكىن بەزى چوڭ تىپتىكى تۈرلىرىنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدىغان قۇلۇلىلەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش ھازىر خېلىلا ئومۇملاشتى.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قۇلۇلە داستىخاندىكى ئالىي يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، ھەتتا دۆلەت زىياپەتلىرىدىمۇ قۇلۇلە قورۇمىسى كەلتۈرۈلىدۇ. كىشىلەر قۇلۇلىنى كونسېرۋا قۇتىسى ئىچىدىكى مەززىلىك گۆش دەپ ئاتىشىدۇ، فرانسىيىدە ھەر يىلى100 مىڭ توننىدىن كۆپرەك قۇلۇلە ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغىنى ئېھتىياجنى قاندۇرۇلمىغاچقا3 /1ى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ.
قۇلۇلىنىڭ گۆشى لوق ھەم يېيىشلىك، مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقىمۇ مول. يېقىنقى زامان جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، قۇلۇلە گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولىغىمۇ ئىگە، ئۇنىڭ بەلغەمنى يوقىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، دەم سىقىلىشقا شىپا بولۇش، پەيلەرنى بوشىتىش، چۇقۇققا مەنپەئەت قىلىش رولى بار ئىكەن.
دۇنيادىكى قۇلۇلە تەخمىنەن40 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، ھازىر سۈنئىي بېقىلىۋاتقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى فرانسىيە قۇلۇلىسى، ھويلا - ئارام قۇلۇلىسى، ھېقىق قۇلۇلىسى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ ئاق قۇلۇلىسى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق قۇلۇلە ئەڭ قىممەتلىك يېڭى سورت دەپ قارىلىدۇ.
قۇلۇلىنى بېقىش ئۆي ئىچى، غار - گەمە، ساندۇق، فېرمىدا بېقىشتىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ، قۇلۇلىنىڭ تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئىسسىقلىقنى ياقتۇرىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تېمپېراتۇرا، نەملىك دەرىجىسىنى تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىنىدۇ. ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، دائىم سۇ پۈركۈپ نەملىكنى ساقلاشقا ۋە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا ℃18 تىن يۇقىرى بولسىلا قىشتىن ئۆتەلەيدۇ. قۇلۇلىنىڭ ئوزۇقى بىرقەدەر يىرىك بولۇپ، ئادەتتە تۈرلۈك كۆكتات، ھەر خىل پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز ھەمدە ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئۈزۈم يوپۇرمىقى، تاتلىقياڭيۇ يوپۇرمىقى، سېمىزئوت، بۇساق، ئېمىلىيە ئوتى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، گۈرۈچ، گۈرۈچ توپىنى، تاتلىقياڭيۇ ۋە تەركىبىدە كالتسىي بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىرىكمە يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىش ئارقىلىق سەمرىشىنى تېزلىتىشكىمۇ بولىدۇ. قۇلۇلىنىڭ كۆپىيىشى بىرقەدەر تېز بولۇپ، بىر يىلدا2 −3 قېتىم تۇغىدۇ. چېتىشىپ10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە تۇخۇم چىقىرىدۇ، ℃25 شارائىتتا10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە كىچىك قۇلۇلە تۇخۇمدىن چىقىدۇ،4 −6 ئايدا ئېغىرلىقى50 گرامدىن ئاشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
يۇمشاق تەنلىك ھايۋان، تېنىنىڭ سىرتىنى كۇنۇسسىمان قاپچۇق ياكى ئۇرچۇقسىمان ۋە ئېللىپس شەكىللىك قاپچۇقلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۈستىدە بۇرما شەكىللىك سىزىقلىرى بولىدۇ. ئېتىز قۇلۇلىسى، دېڭىز قۇلۇلىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار.