Uyghur←Chinese主要词典
قۇللار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
奴隶王朝
nú lì wáng cháo
(1) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلالىسى. 1206 - يىلى كور سۇلالىسىنىڭ دېھلىدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئايبەك ئۆزىنى سۇلتان قىلىپ تىكلەپ، دېھلىنى مەركەز قىلغان شىمالىي ھىندىستاندىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئايبەك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى قۇللاردىن كېلىپ چىققانلىقتىن، تارىختا قۇللار سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. بالبان باش ۋەزىر بولغان (1246 - 1266) دا زور قوشۇن تەشكىللەپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ سۇلتان (1266 - 1286) بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن. 1290 - يىلى ھالاچ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن. (2) مىسر مەملۇكلەر سۇلالىسى (1250 - 1517)نىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.