Uyghur主要词典
قۇيقا
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇيقا؛ خام تېرە.
بۇ سۆز ئەسلىدە ئاشلانمىغان تېرىنى بىلدۈرسىمۇ، بەزىدە ئاشلانغان تېرىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئول قويۇغ ،قۇيقالادى _ ئۇ قوينى سويماي تۇرۇپ، تېرىسىنى قۇيقىلىدى، يەنى ئۇتلىدى.
3 - 238
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. كۆيۈپ بولغان ياكى چالا كۆيگەن تۈك، يۇڭ، چاچ قاتارلىقلار.
قۇيقا ھىدى پۇرىماق.
سۈپ. ئوتتا كۆيگەن، ئوتتا كۆيۈپ، ئەگرى - بۈگرى، كۆتمەك بولۇپ قالغان (چاچ، تۈك، يۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھالىتى ھەققىدە).
قۇيقا چېچى تىك تۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. سۇ ئېقىپ چۈشىدىغان شارقىراتمىلىق توما، زاكو.