Chinese→Uyghur主要词典
权利法案
ئەدلىيە
quán lì fǎ àn
ھوقۇق قانۇنى لايىھىسىDقانۇن
quán lì fǎ àn
ھوقۇق قانۇن لايىھىسىDئۇنىۋېرسال
quán lì fǎ àn
ھوقۇق قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
ھوقۇق قانۇن لايىھىسى
ئەنگلىيە <شەرەپلىك ئىنقىلابى> دىن كېيىن، 1689 - يىلى 10 - ئايدا پارلامېنت ماقۇللىغان مونارخىيىلىك ھوقۇققا چەك قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى. ئۇنىڭدا جامېس Ⅱ نىڭ ھەرخىل مۇستەبىت قىلمىشلىرى ۋە ئەنگلىيە خەلقى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ھوقۇقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت، يەنە كورۇل پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق قانۇننى كۈچتىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، چېركاۋ ئىشلىرىغا ئائىت كومىتېت تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، باج يىغىشقا ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ، دائىمىي ئارمىيە توپلاشقا ۋە ساقلاشقا بولمايدۇ؛ كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ۋە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن قۇدا بولۇشقان كورۇل جەمەتلىرى كورۇللۇق تەختكە ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ پۇقرالاردا كورۇلغا تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتا ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ۋە باشقىلار بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسى <شەرەپلىك ئىنقىلاب> نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن.