Chinese→Uyghur主要词典
全或无关系
پسىخولوگىيە
تولۇق ياكى يوقلۇق مۇناسىۋەت
بۇ فىزىئولوگىيە ئاتالغۇلىرىدىن بىرى بولۇپ، «تولۇق ياكى يورۇقلۇق قانۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، نېرۋا ۋە مۇسكۇلنى غىدىقلىغاندا، غىدىقلاش كۈچى غىدىقلىنىش چېكىگە يەتمىسە رېئاكسىيە پەيدا قىلالمايدۇ، («يوقلۇق») پەقەت غىدىقلىنىش چېكىگە يەتكەندىلا، ئاندىن چوڭ رېئاكسىيە پەيدا بولىدۇ، («تولۇق») غىدىقلاش بىلەن رېئاكسىيە بېرىش ئارىسىدىكى مۇنداق سانلىق مۇناسىۋەت «تولۇق ياكى يوقلۇق مۇناسىۋەت» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت پەقەت نېرۋا تالاسى ياكى مۇسكۇللار تالاسى بويلاپ ئۆتكەن رېئاكسىيىدىلا كۆرۈنىدۇ. باشقا ئۆتكۈزۈش بولمىغان قىسمەن رېئاكسىيىلەردە كۆرۈنمەيدۇ. تولۇق ياكى يوقلۇق مۇناسىۋىتىگە بويسۇنغان رېئاكسىيىلەر بەزىدە «تولۇق ياكى يوقلۇق رېئاكسىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.