Chinese→Uyghur主要词典
全国胡色人种协进会
دۇنيا تارىخى
مەملىكەتلىك رەڭلىك ئىرقلار تەڭ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتى
ئامېرىكىدىكى نېگىرلار ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات. 1910-يىلى 60 نېگىر ۋە ئاق تەنلىك زىيالىنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا قۇرۇلغان. ئامېرىكىلىق نېگىر ئالىم دوبويىس تەشۋىقات ۋە تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى بولغان. قانۇنىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىرقچىلىق ۋە خۇسۇسىي جازاغا قارشى تۇرۇپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى، ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى، نېگىرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئىقرىي ھوقۇققا ئالاقىدار بولغان ئەرز - دەۋا دېلولىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىگەن. 50-يىللاrدىن كېيىن، مەملىكەت خاراكتېرلىك جەمئىيەتكە ئايلانغان. 1975-يىلى 50 شتاتتىكى 1555 يەرلىك ئورۇندا 430 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان. باش شتابى نيۇ - يوركتا تەسىس قىلىنغان. ۋاشىنگتون، ئاتلانتا، داللاس ۋە سان - فرانسىسكودا ئىش بېجىرىش ئورگىنى قۇرغان. ئايلىق ژۇرنال - <كرىزىس> نى نەشر قىلغان.