Uyghur主要词典
قېتىم
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
رەت، نۆۋەت.
بىر قېتىم كەلدىم. * بۇ قېتىم زىيان بولدى، كېلەر قېتىم زىيان بولار. * ھەر قېتىم بازارغا كەلسەم، بۇ بالىنى ئۇچرىتىمەن. * بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ. (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
سېپىم.
بىر قېتىم يىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
قىلغان ياكى قىلىنغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ سانىنى بىلدۈرۇدۇ.
قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
يېڭنىگە بىر نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككى قېتىم يىپ.