Uyghur主要词典
قىستۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قىسماق Ⅳ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
پېشىنى بېلىگە قىستۇرماق.
مەن يوقلىما دەپتەرنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ سىنىپقا مېڭىپ كەتتىم.
كۆچمە. گەپ - سۆز ئارىسىغا قوشۇلۇپ سۆزلىمەك، قوشۇمچە قىلماق؛ تىلغا ئالماق.
ھە دېسىلا سابىرنى قىستۇرۇپ چاقچاق قىلىسەن، بىلسەڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر.
مەلۇم بىر جەريان ياكى ۋاقىت ئارىلىقىدىن پۇرسەت چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرماق.
بولىدۇ، مەن سىلىنىڭ بۇ پەلتۇنى ئارىغا قىستۇرۇپ بولسىمۇ تىكىپ بېرەي.
كۆچمە. ئارىسىغا سېلىۋالماق، ئەگەشتۈرۈۋالماق.
رابىخان بۈگۈنكى چايغا ئۈچ بالىسىنى قىستۇرۇپ كېلىپتۇ.