Uyghur主要词典
قىسىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قىسماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
شۇ چاغدا بىردىن پەرىزاتنىڭ <ئىنكاس> لىرى ئېسىگە كېلىپ يۈرىكى قىسىلىپ كەتتى.
<قىسماق Ⅳ> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
كىشىلەر قىسىلىپ بېرىپ، بىر - بىرىنىڭ مۈرىسىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراۋاتاتتى.
كۆچمە. بىرەر نەرسىنىڭ كەمچىللىكىدىن قىينالماق، شۇ نەرسىگە موھتاج بولماق، قىيىنچىلىق تارتماق.
قوزغىلاڭچىلار ئاشلىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەردىن قىسىلىپ تۇراتتى.
كۆچمە. خىجىل بولماق، ئۇيالماق.
ئۇ ھەممە ئاغىنىلىرىنىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پىيادە قالغىنىغا ھەدىسىدىن قىسىلىپ، بەك خىجالەت بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پۈتۈننىڭ تەركىبى، ئورگانىك بۆلىكى ياكى ئۈلۈشى.
پۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى. كادىرلارنىڭ بىر قىسمى.
<ماشىن> ماشىنا، مېخانىزم، ئىنشائات ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغان بۆلەكلەرنىڭ ھەر بىرى.
تىراكتورنىڭ تورمۇز قىسىمى.
<ئەد> ئەسەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان ئالاھىدە بۆلىكى؛ بۆلۈم، باب.
ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولغان رومان. ئىككى قىسىملىق كىتاب.
<ھەرب> ئارمىيە، قوشۇن.
قىسىمغا كىرمەك. قىسىمغا قايتماق.
<ھەرب> ئارمىيە ياكى قوراللىق كۈچلەر تەركىبىدىكى ئالاھىدە بۆلۈم، بۆلۈنمە ياكى بىرىكمە.
مىناميوتچىلار قىسمى. قىسىم كوماندىرى. ئاتلىق قىسىم.