Uyghur←Chinese主要词典
قىرتىش ماتېرىيال
بىئولوگىيە
边材
biāncái
دەرەخ غولىنىڭ ياغاچلىق قىسمىنىڭ ئەتراپىدىكى قىسىم بولۇپ، ئۇ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە ھاسىل قىلغان مەھسۇلاتى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆتكۈزگۈچى قانال توشۇش رولىنى ئوينايدۇ، نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرە ھايات بولىدۇ. سىرتقى تەرەپتىن كۆرۈنۈشى سۇس رەڭلىك بولۇپ، ماتېرىيال سۈپىتى يۇمشاق بولىدۇ. ياغاچلىق قىسىمنىڭ توشۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئەتراپ ماتېرىيال بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئىقتىدارىنى يوقىتىپ مەركىزىي ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ياغاچلىق قىسىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئارتسىمۇ ئەتراپ ماتېرىيالنىڭ مىقدارىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.