Uyghur主要词典
قىرت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ سۆزلەيدىغان، تىنماي قۇرۇق گەپ ساتىدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. ۋىتىلداق ۋىتىلداپ ۋەھىمە تاپىدۇ. ۋات - ۋاتنىڭ سۆزىدە ھەقىقەت بولماس. كاسكا ئىتنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. جاۋىلداق خوتۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ۋاتىلداق ئارام تاپمايدۇ، ئاغزى ئېچىلسا يېپىلمايدۇ. ۋىت - ۋىتنىڭ ئاغزى غەيۋەتتىن بوشىمايدۇ. قىرت قىرىق سائەت سۆزلىسە، بىر ئېغىزى يارايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىرت.
قىرت ئوت _ قىسقا ئوت، پاكار ئوت. شۇنىڭدەك كالتە چاچ « قىرت ساچ» دېيىلىدۇ. بېخىل ۋە خۇلقى يامان ئادەم « قىرت كىشى» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەك ئەزمە، ئورۇنسىز گېپى تۈگىمەيدىغان.
قىرت ئادەم. قىرت خوتۇن.