Uyghur←Chinese主要词典
قىرىم ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
克里木亚战争
kè lǐ mù yà zhàn zhēng
شەرق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1853 - 1856- يىللىرىدىكى روسىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. ئاساسلىق چوڭ مەيدانى قىرىم بولغاچقا قىرىم ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، روسىيە تۈركىيىنى بويسۇندۇرۇپ، قارا دېڭىز بوغۇزىنى تىزگىنلەپ، يېقىن شەرق، بالقانغا چاڭگال سېلىشقا ئۇرۇنپ، ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتە توقۇنۇشۇپ قالغان. 1853 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، روسىيە - تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پراۋوسلاۋىيانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر باشلاپ مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيىگە بېسىپ كىرگەن. 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۈركىيە روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە دوناي دەرياسى، تاشقى كاپكازدا ھۇجۇمنى قانات يايدۇرغان. 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، روسىيە سىنوپ پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيە فلوتىنى يوقاتقان. ئەنگلىيە - فرانسىيە فلوتى قارا دېڭىزغا كىرىپ ئارىلاشقان ھەمدە 1854 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - 28 - كۈنلىرى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە بىرلەشمە ئارمىيە قىرىمدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. 1855 - يىى 1 - ئايدا ساردىنىيە ئۇرۇشقا قاتناشقان، 9 - ئايدا بىرلەشمە ئارمىيە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى سېۋاستوپول قورۇلىنى بېسىۋالغان، روسىيە مەغلۇپ بولغان. 1856 - يىلى 3 - ئايدا <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. روسىيەنىڭ يېقىن شەرقىتىكى كېڭەيمىچىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى كرىزىسى چوڭقۇرلاشقان.