Uyghur主要词典
قېرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياش چوڭىيىپ، قېرىلىق ۋاقتى يەتمەك.
ئادەم قېرىغاندا، ئەقلى قىسقىرىپ، تىلى ئۇزىرىدۇ. قېرىغىنىڭغا تەن بەرمىگىنىڭ بىلەن، قېرىلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغىنىڭ ئەقلىڭنىڭ يانغىنىدىن مەلۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېشى ئۆتۈپ قېرىلىق دەۋرىگە كەلمەك. قېرىلىق يەتمەك.
ئەر قېرىسا قىز ئالار، قىز قېرىسا كىم ئالار (ماقال).
كېرەكتىن چىقماق، كاردىن چىقماق، ئىشلىمەس بولۇپ قالماق.
چىشى قېرىماق. ئەقلى قېرىماق.
(بولۇشسىز شەكلى بىلەن كېلىپ) ۋاقتى ئۆتمەسلىك، كېچىككەن ھېسابلانماسلىق، كېچەكمەسلىك.
دەۋا قېرىمايدۇ.