Uyghur←Chinese主要词典
قېرىلىق دېۋەڭلىكى
پسىخولوگىيە
老年痴呆症
lǎo nián chī dāi zhèng
بۇ قېرىغاندا بولىدىغان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەقىل ئاجىزلىشىش روھىي كېسەللىكىدىن ئىبارەت. باشتا ئۇ خاراكتېرنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن: شەخسىيەتچىلىك، سۇبيېكتىپچىلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، كاجلىق ( جاھىللىق )، كىچىك بىرئىش ئۈچۈن دەرغەزەپ بولۇش، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيقۇسى كەلمەسلىك، خاتىرىسى ئاجىزلىشىش، خاتا ھۆكۈم چىقىرىش، ھېلى قىلغان سۆزىنى ۋە ھېلى قويغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىش، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى، يېشىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلمەسلىك قاتارلىقلار. بۇنداقلار كېسەل ئېغىرلاشقاندا، پىكىر قىلىش، چۈشىنىش قابىلىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، قىلىقى گۆدەك بالىلارغا ئوخشاش ئەخمەقلىشىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئاساسى مېڭە توقۇلمىسىنىڭ قورۇلۇپ بېرىشىدن ئىبارەت.