Uyghur主要词典
قىرچاتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىرچىتتى، چەرچىتتى، سۇردۇردى.
ئول ئانىڭ قاشىن قىرچاتتى _ ئۇ (تاش ئېتىپ) ئۇنىڭ قېشىنى قىرچىتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەلىكىم ئارىغ قىرچاتۇر ئوق باشاقى
ئۈنمىش ئۇلۇغ تەرڭەك ئۈزە كۆپ قاشاقى
«ئوق باشىقى قولۇمنى راسا قىرچىتۇر،
كۆپ قومۇشلۇق چوڭ سازلىقتا (كېتىپ بارىمەن).»
ئوقنىڭ باشىقى قولۇمنى سۈرۈپ، پۈتۈنلەي يارا قىلىۋېتىدۇ، مەن بولسام سىزىندى سۇلار توپلانغان يەر (سازلىق) دە ئۆسكەن قاشاق - قومۇشلۇق ئارىسىدا كېتىپ بارىمەن ( قىرچاتۇر _ قىرچاتماق). ئوق ئاماچىغ قىرچاتتى _ ئوق نىشاننى قىرچىپ كەتتى.
2 - 481