Uyghur主要词典
قىرائەت قىلىش
بىئولوگىيە
<قۇرئان كەرىم> نى تىلاۋەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. نامازدا قىرائەت كەم بولسا بولمايدۇ. ئەرەب يېزىقىنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىش، ئىستىلىستىكا قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، مۇفەسسىرلەر ۋە فەقىھلەر قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى، مەقسىتى، قائىدىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا قاتتىق، مۇرەككەپ بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. مەسىلەن، يەتتە مۇفەسسىر (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 14 مۇفەسسىر) نىڭ رىۋايەت قىلغىنىچە قىرائەت قىلىش كېرەك. تەرتىپى بويىچە قىرائەت قىلىش، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق لازىم. سۈرە فاتىھەدىن باشقىلىرى نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرە قىلىنمايدۇ؛ قىرائەتنىڭ سەجدە قىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە سەجدە قىلىش لازىم؛ نامازدا ئىمام بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى ئاۋازدا ياكى تۆۋەن ئاۋازدە قىرائەت قىلسىمۇ بولىدۇ. جامەئەت قىرائەت قىلماي، جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. قىرائەتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ؛ قىرائەت قىلىشتىن ئىلگىرى چىشنى يۇيۇش، بەدەنگە ئەتىر چېچىش، مەككە تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇش، بىر نەرسىگە يۆلىنىۋالماسلىق، بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرماسلىق لازىم... مەزھەپلەر ۋە چوڭلارنىڭ قىرائەت توغرىسىدا ئىنچىكە بەلگىلىمىلىرى بار. <قۇرئان كەرىم> دە <نامىزىڭدا (قىرائەتنى) مۇشرىكلار ئاڭلاپ قېلىپ ساڭا ئەزىيە يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىيالماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يول تۇتقىن> دېيىلگەن (17 - سۈرىنىڭ 110 - ئايىتىدىن).