Uyghur主要词典
قوزىقارنى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆكلەم يامغۇرىدىن كېيىن ئۈنۈپ چىقىدىغان موگۇغا ئوخشاش بىر خىل ئۆسۈملۈك. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كەلدى باھار يامغۇرى نەغمەئى شىروشىر قىلىپ، جەمجۇخ قوزى قارنىلار چىقتى چوتۇر چوتۇر بولۇپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىشكە بولىدىغان ياۋا سەي.
«موگۇ» خەنزۇچە: 蘑菇
«زەمبۇرۇغ» ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە ئاتىلىشى.
«ئاخۇنباش» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قوزىقارنىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، ئۇنىڭ تەركىبىدە 30 خىلدىن ئارتۇق ھورمۇن بولغاچقا، ئۇ ھورمۇن يېتىشمەسلىكتىن بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ھۆل قوزىقارنىنىڭ 100 گرامىدىن 23 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.