Uyghur←Chinese主要词典
قوزغاتقۇچى گېن
بىئولوگىيە
启动基因
qǐdòngjīyīn
<قوزغاتقۇچ> ياكى <قوزغاتقۇچى رايون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. DNA زەنجىرىنىڭ مەخسۇس RNA پولىمېرازىسى بىلەن بىرىكىپ كۆچۈرۈلۈش باشلىنىدىغان بۆلىكى. بىر قوزغاتقۇچى گېن دائىم كۆپلىگەن تۈزگۈچى گېننىڭ كۆچۈرۈلۈشىگە مەسئۇل بولىدۇ، مەسىلەن، باكتېرىيىدىكى گالاكتوزا ئوپېرونى قوزغاتقۇچى گېن، باشقۇرغۇچى گېن ۋە ئۈچ دانە تۈزگۈچى گېندىن تۈزۈلىدۇ.