Uyghur主要词典
قوتان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئايىغى، بوينى، تۇمشۇقى ئۇزۇن بىر خىل يىرتقۇچى قۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغ، مال - ۋاران باقىدىغان ، سولايدىغان يەر.
«ئاتخانا»، «ماخۇ»، «مالخانا» لار ئېتىدىن مەلۇم.
«ئاران» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
قوينى قوتاندا ساقلا، ئاشنى ئورىدا يىلپىز بىلەن ئۆچكە بىر قوتاندا ياشىماس. «ئېغىل بولسىمۇ تازا بولسىۇن. ئاتخانا قانچە يورۇق، تازا بولسا، ئات - ئۇلاغ شۇنچە ياخشى ئارام ئالىدۇ. «گۇڭشې» ۋاقتىدا ھەر بىر شياۋدۈيدە ماخو بولاتتى. مالىخانىنى پۇختا ياساش - مالنى ئاسراش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قوي، كالا قاتارلىقلار سولىندىغان چوڭ ئېغىل، مالخانا.
مىق. ساناق سانلار بىلەن بىللە كېلىپ، مال پادىسىنىڭ قوتانغا سىغقۇدەك مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قوتان قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل يىرتقۇچ قۇش، پەيلىرى ئاق ياكى كۆك، بوينى ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن كېلىدۇ.