Uyghur←Chinese主要词典
قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەر
بىئولوگىيە
副性征
fùxìngzhēng
ئىككى جىنسىنىڭ جىنسى يېتىلگەن چاغدا ئىپادىلىنىدىغان، جىنسىي ئايرىمىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدىلىكلەر بولۇپ، <ئىككىنچى جىنسىي بەلگىلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەردە ساقال - بۇرۇت چىقىش، بوغدىيەك تومپىيىش، مۇسكۇللار تەرەققىي قىلىش، ئىسكىلىتلىرى يوغىناش، ئىنتوناتسىيىسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار؛ ئاياللاردا داس سۆڭىكى كەڭرەك بولۇش، ئەمچىكى تەرەققىي قىلغان بولۇش، ئىنتوناتسىيىسى يۇقىرىراق بولۇش قاتارلىقلار. قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى جىنسىي بەزلەر ئاجراتقان جىنسىي گورمونلار رولىنىڭ نەتىجىسى. مەسىلەن ھايۋان بالىسىنىڭ جىنسىي بېزى كېسىپ ئېلىۋېتىلسە قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەر پەيدا بولمايدۇ. خورازنىڭ ئۇرۇقدىنى ئېلىۋېتىلسە قايتا چىللىمايدۇ، تاجىسى يىگىلەپ، جىنسىي تەلىپى يوقىلىدۇ، مايلىرى كۆپىيىدۇ ۋە باشقىلار. ئەگەر پىچىۋېتىلگەن خورازغا يەنە ئۇرۇقدان كۆچۈرۈپ بېرىلسە قوشۇمچە جىنسىي بەلگىلەر يەنە قايتىدىن پەيدا بولىدۇ.