Uyghur主要词典
قوشۇمچە ياردەم فوندى شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىھەربىي خىراجەت تولۇقلىما فوندى تۈزۈمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ھىندسىتان بەگلىكلىرىنى مۇستەقىللىكتىن مەھرۇم قىلىشتىكى بىر خىل ۋاستسى. ئۇنى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەڭ بالدۇر قوللانغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئەنگىلىيە قوللانغان. ئەنگلىيە ھىندىستان بەگلىكلىرىنى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبور قىلغان، ئۇنىڭ مەزمونى بەگلىكلەردىكى ۋاڭ - گۇڭلار ئەنگلىيەنىڭ ئەمەلدار تۇرغۇزۇشنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىدىن ۋاز كېېچىش، تۇرۇشلۇق ئەمەلدارنىڭ رۇخسىتىسىز، ھېچقانداق چەت ئەل ۋە باشقان قوشنا بەگلىكلەر بىلەن ئالاقە باغلىماسلىق؛ فرانسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىق؛ بەگلىكلەر ئەنگلىيەنىڭ <قوغداش نامى> بىلەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان قوشۇنىغا كۈتۈنۈش خىراجىتى تاپشۇرۇش ياكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ باج كىرىمىنى ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1765 - يىلى كلىۋې ۋە ئودى بەگلىكى ئالدى بىلەن ئىمزا قويغان. 1799 ـ يىلى ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ۋېللېسىلېي مىيىسورنىڭ تىپۇ سۇلتانىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنى كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە پەنجاپ، سىند، ئاسسام قاتارلىق جايلاردىن باشقا،قالغان بەگلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ شەرتنامىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。