Uyghur主要词典
قوش تىلدا دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمىللەتلەر مائارىپى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبە تۈرىدۇر. بۇ تەجرىبىنىڭ ئەندىزىسى: ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى
قاتارلىق تۆت خىل دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش، باشقا پەنلەرنى ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن
باشلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1992 - يىلى
ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپاندىن ئىبارەت ئۈچ شەھەردە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل
بۆلۈشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ 1998 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن رايون بويىچ 28 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاچقان
قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبە سىنىپلىرى جەمئىي 82 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 3529 نەپەرگە يەتكەن. قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسى يۇقىرى
قاتلام ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。