Uyghur主要词典
قوشنا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جايى يانمۇيان ياكى يېقىن ئائىلىلەر، كىشىلەر ۋە بەزىدە شۇنداق يېقىنلىققا كىنايە.
قوشناڭ قارىغۇ بولسا، كۆزۈڭنى قىس. قوشنا ھەققى - خۇدا ھەققى. كەمتەرلىك بىلەن ئۇلۇغلۇق قوشنا - قولۇم. ئۆي تاللىغۇچە ھەمەمسايە تاللا. ھەمسايىنىڭ قىزىنى كۆر، قېشى بىلەن كۆزىنى كۆر، ئاۋۇلىدا بەردى كۆڭۈل، ئەمدى مانا نازىنى كۆر. يېڭىش بىلەن يېڭىلىش تام قوشنا. يان ياردىن يېقىن. يىراقتىكى تۇغقاندىن ئاراتام قوشنا ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى . ئۆي - جايى يېقىن، يانمۇيان، يانداش بولغان كىشلەر؛ئۆيىگە يانداپ ئۆي سالغان ياكى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغان كىشى .
يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما(ماقالە)
ئى . تۈرلۈك ئىش - ئەمگەك ۋە پائالىيەتلەردە ئۆز ئارا يانمۇيان، يېقىن يەردە ئىشلىگۈچىلەر، ئىش ئورنى يانمۇيان بولغان كىشلەر
سۈپ. يانمۇيان تۇرغان، جايلاشقان، چېگرىداش، بىر - بىرىگە يېقىن.
يىغىندا قوشنا يېزا - كەنتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى .