Uyghur←Chinese主要词典
قوش كېمىلىك ئەترەت تۈزۈمى
领域: دۇنيا تارىخى双船队制
shuāng chuán duì zhì
(ⅥⅩ ئەسىردىن ⅧⅩ ئەسىرگىچە ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن سودا مونوپول تۈزۈمى. 1543 - يىلى قۇرۇلغان. 1561 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىغان. ھەريىلى ئىككى كېمە ئەترىتى مېتىروپولىيە بىلەن مۇستەملىكە ئارىلىقىدا بېرىپ كېلىپ قاتناپ سودا قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىرىنچى كېمە ئەترىتى سودا كېمىسى ھەم ئۇرۇش كېمىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، باھاردا سېۋېرىيە )1717 - يىلىدىن كېيىن گادىسقا ئۆزگەرگەن(دىن ئايرىلىپ، ئالدى بىلەن سان - دومىنگوغا بېرىپ، ئاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ۋېراكروسقا بارغان ھەمدە كۇبا قاتارلىق جايلارغا كېمە ئەۋەتكەن، كېمە ئەترىتى ئاساسەن كارايىب دېڭىز رايونى بىلەن سودا - سېتىق ئېلىپ بارغان، ئىككىنچى كېمە ئەترىتى يازدا سېۋېرىيىدىن يولغا چىقىپ، كارتاگېنا ۋە پۇئېرتو پورتىغا بېرىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق پېرو ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكىرىسىدىكى رايونلار بىلەن سودا - سېتىق قىلغان، بۇ كېمە ئەترىتى ئاساسەن ئىسپانىيىگە قارام جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كېمە ئەترىتى ھاۋانادا ئۇچرىشىپ، ئىسپانىيىگە بىرلىكتە قايتقان. بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ سودا - سېتىقىنى تىزگىنلەپ، مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان. 1748 - يىلى ئەمەلدىدىن قالدۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。