Uyghur←Chinese主要词典
قورۇق بېگى
دۇنيا تارىخى
庄官
zhuāng guān
ياپونىيىدە قەدىمكى زاماندا قورۇق باشقۇرىدىغان ئەمەلدار،قورۇق خوجايىنىىڭ گۇماشتىسى. ئۇلارنى زېمىندارلار تەيىنلىگەن ياكى يەرلىك مۇشتۇمزورلاردىن تاللاپ ئىشلىتىلگەن، باشقۇرۇش، باج - سېلىق يىغىش ۋە ئىچكى - سىرتقى ئامانلىقنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان. نامى ۋە خىزمەت ھوقۇقى دەۋرى ۋە پومېشچىك زېمىندارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قاراپ، ئوخشاش بولمىغان. قورۇق تۈزۈمىنىڭ دەسلىپىدە يەر ۋەكالەتچىسى. قورۇق باشقۇرغۇچىسى، قورۇق باشلىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان، خېئان دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قورۇق باشلىقى دەپ، ئوتتۇرا مەزگىلىدە باش نازارەتچى، ياردەمچى باشقۇرغۇچى، قورۇق باشقۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى مەزگىلدە مۇئاۋىن باشقۇرغۇچى دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېكىسپىلاتاتسىيە كىرىمىدىنمۇ بەھرىمان بولۇپ، مال - مۈلۈك ۋە ئاتاق - ئابرويلۇقلاردىن بولۇپ قالغان.