Uyghur主要词典
قورۇما پۇرچاق بوتقىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
پۇرچاق بوتقىسى ئىككى پارچە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تۇخۇم ئىككى دانە، پىياز بىر باش، سۇ يېغى 50 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، شورپا 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. ھەربىر پارچە دۇفۇنى تۆت كىچىك پارچە قىلىپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز چاناپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ، سارغايتىپ، شورپا، زەنجىۋىل
سۈيى، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ، ئاندىن پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ قۇرۇپ ئېلىۋېلىپ، شورپىسىنى قاچىغا ئېلىپ زاپاس قويۇلىدۇ؛ تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنىڭ بىرىنى تۆكۈپ، ئۈستىگە پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ، يەنە بىر تۇخۇمنى پۇرچاق بوتقىسىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ ئۆرۈپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ساپسېرىق سارغايتىپ، زاپاس شورپىسىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، پارقىراتما ياغ، ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
پۇرچاق بوتقىسى ئىككى پارچە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پالەك ئازراق، شورپا 175 گرام، خاڭگا ئازراق، زەنجىۋىل بىر چىمدىم، سۇ يېغى 70 گرام، پىياز بىر باش، پەمىدۇر ئىككى دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. ھەر بىر پارچە پۇرچاق بوتقىسىنى چاقماق قەنت شەكلىدە توغراپ، قايناق سۇغا سېلىپ چالا پىشۇرۇپ ئېلىپ، سۈيىنى ساقىتىپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، چانىغان پىياز، سوققان زەنجىۋىل سېلىپ سارغايتىپ، شورپا، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ، قاينىغاندا پۇرچاق بوتقىسى، پالەك سېلىپ، سۈيىگە پۇرچاق ئۇنى سېلىپ قويۇلدۇرۇپ، كۈنجۈت يېغى، ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.