Uyghur主要词典
قورسىقىدا ئۇمىچى بار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىمدىن ياخشى بىلىش ھاسىل قىلغان.
گەپكە ئۇستىلىق ھەقىقىي بىلىملىكنىڭ ئىسپاتى ئەمەس. بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز توزار. مەلۇماتلىق كىشى نەگە بارسا ئىشقا يارايدۇ. ئوقۇغاننىڭ ھەممىسىلا ئۇقۇمۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. قورسىقىدا ئۇمىچى بار ئادەم خەققە تۆھمەت قىلمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مول بىلىمگە، يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە.
بىلىمسىز، ئوقۇمىغان
ھېچبىر بىلىمى، مەلۇماتى يوق.
بىلىملىك يېڭەر، بىلىمىسز قالار. بىلىمدان ئۇزار، بىلىمسىز توزار. بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش. بىلىمسىز بالاڭ - ھايۋاندىن يامان. ئوقۇغاننىڭ كۆزى تۆت. ئوقۇمىغان بەك ۋاقىرايدۇ. ئو قورسىقىدا ئۇمىچى بار يىگىت.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قولىدىن ئىش كېلىدىغان، قابىلىيەتلىك، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان، بىلىملىك: ئۇ قورسىقىدا ئۇمىچى بار كادىر، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قولىدىن ئىش كېلىدىغان، قابىلىيەتلىك، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان، بىلىملىك.