Uyghur主要词典
قوپماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئولتۇرغان، ياتقان ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۆرە بولماق.
ياتماق
پۇت - قولىنى سوزۇپ تۆشەككە ئورۇنلاشماق.
ئوڭدا ياتقان ئابدۇغۇپۇر، ئاش يەڭ دېسە چاپسان قوپۇر. كەچ يات، سەھەر تۇر. يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيىمى يېلىڭنىڭ تۇرغۇسى. ياتقان نان يوق، قوپقانغا ئالۋان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۇرماق، ئۆرە ھالەتكە كەلمەك، تىك بولماق.
سەھەر قوپماق.
كۆچمە. پەيدا بولماق، يۈز بەرمەك.
يېغى ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن (ماقال).
كۆچمە. بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تەييارلانماق ياكى كىرىشمەك، ھەرىكەتلەنمەك.
تاماققا قوپماق.
كۆچمە. سالامەتلىكى ياخشىلانماق، ئوڭلانماق، تۈزەلمەك.
- رازىيە قوپۇپ قالغاندۇر، - دېدى ئۇ شازادە ئاچا بىلەن ئەھۋاللىشىۋېتىپ