Uyghur←Chinese主要词典
قومۇش
بىئولوگىيە
芦苇
lúwěi
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ يەر ئاستىدا توم يىرىك يەر باغىرلىغۇچى يىلتىزسىمان غولى بولىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ تۆمۈنە شەكىللىك، ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى پەي سۈپۈرگىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇچى ئازراق تۈز، شاخلىرى يانتۇ ياكى ئازراق يېيىلىدۇ؛ كىچىك باشىقىدا 4 - 7 دانە كىچىك گۈل بولىدۇ؛ بىرىنچى كىچىك گۈلى ئادەتتە ئاتىلىق گۈل بولۇپ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى بىلەن سىرتقى قاسىرىقىدا ئۈچ تال تومۇر بولىدۇ؛ سىرتقى قاسىرىقىدا تۈكچىلەر بولمايدۇ، بوغاز ۋاقتىدا سىرتقى قاسىراقنىڭ تۈۋىدىكى تەخسىسىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئۇ يەر شارىدىكى ئىسسىق بەلباغنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ئادەتتە سازلىق، دەريا ياقىسى ۋە كۆل ياقىسىدا ئۆسۈپ زور كۆلەمدىكى قومۇشلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ تۇپراقنى ساقلايدۇ، يۇمران ۋاقتىدا يەم - خەشەك قىلىنىدۇ؛ غولى ئەۋرىشىم ۋە يىرىك بولىدۇ، ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ غولىدىن بورا، قەغەز ۋە سۈنئىي پاختا ياسىلىدۇ ۋە سۈنئىي يىپنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۆپكىدىكى ھارارەتنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ ئاساسەن قىزىتمىلىق كېسەللەردىن بولغان چاڭقاش، ئاشقازان قىزىپ قۇسۇش، ئۆپكە غەلۋىرىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
芦苇
lú wěi
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، ئايغىر قىياققا ئۇرۇقداش
ئېگىز، تىك ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ؛ بۇغۇملۇق بولۇپ، بوغۇملىرىدا بىخلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تار، تېمىنە شەكىللىك، ئۇچى ئۇچلۇق، يوپۇرماق غىلاپى غولنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ كونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسكەن
بولۇپ، سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى 6 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزى
ۋە بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ، لاي، توپىلىرىنى تازىلاپ، قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سازلىق، ئېرىق بويلىرى
ۋە كۆللەردە ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش، سۈيدۈك، ھەيدەش، قىزىتما قايتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش،
قۇسۇشنى توختىتىش، تېرىنى جۇلالاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قومۇش يىلتىزىدىن 35 گرام، تەسۋىقوناقتىن 20 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 12 گرام، سوقۇپ يۇمشىتىلغان تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 53 گرام
ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە كانايچە كېڭىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قومۇش يىلتىزىنى 50 گرام تەسۋىقوناق، 35 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى، 50 گرام تەكىيە كاۋا ئۇرۇقى، 70 گرام پىچەكگۈل بىلەن بىللە سۇدا
قاينىتىپ ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى زور دەرىجىدە ئازايغاندىن كېيىن، قومۇش يىلتىزىدىن 35 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن سەككىز
گرام، چۇقىدىن 10 گرام، پىچەكگۈلدىن 35 گرام، تەسۋىقوناقتىن 50 گرام، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 35 گرام، سەبدىگۈلدىن 15 گرام، ياۋا سۇ يالپۇزىدىن
20 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 100 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە كانايچە كېڭىيىشكە ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بوغۇمى ئېلىۋېتىلگەن قومۇش يىلتىزى 20 گرام، شىزى ساپىقىدىن سەككىز گرام، خام زەنجىۋىلدىن ئۈچ پارچە ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ،
سوۋۇتۇپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قومۇش يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقلىق كېسەللىكلىرىدىكى ئۇسساش، قىزىل، سېرىقلىق
چۈشۈش، ئاشقازان ئىسسىقلىقىدىن بولغان قۇسۇش، سۈيدۈك ئاز ۋە قىزىل كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قومۇش يىلتىزىنى يەتتە تال يۇمغاقسۈت يىلتىزى، سەككىز گرام جامكا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىل سىرتىغا
تەپمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
lú wěi <zhí >
芦苇<植>
ئۆسۈملۈك
芦通<>芦头<>芦苇
lú tōng <>lú tóu <>lú wěiDئۇنىۋېرسال
芦苇
lú wěiDئۇنىۋېرسال
蒯草
kuǎi cǎoDباغۋەنچىلىك
芦苇
lú wěiDيېزا ئىگىلىك
芦苇
lú wěiDئۇنىۋېرسال
苇子
wěi zi