Uyghur主要词典
قولى ئۇزۇن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ھەر قانداق بىر ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان، يولى بار، تەدبىرلىك؛ ئىقتىسادىي ئاساسى، ھال كۈنى ياخشى: - توغرا ئېيتتىڭىز، - دېدى كەكە ساقال كۈلۈمسىرەپ، - نۇراخۇننىڭ قولى ئۇزۇن، ئەمما ھازىر قولى يەتمەيدىغان بىر ئىشقا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پۇلى بار، ئىقتىسادى ياخشى.
- توغرا ئېيتىڭىز، - دېدى كەكىساقال كۈلۈمسىرەپ، - نۇر ئاخۇننىڭ قولى ئۇزۇن، ئەمما ھازىر قولى يەتمەيدىغان بىر ئىشقا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.