Uyghur主要词典
قولۇشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سوراشتى.
ئولار ئىككى قىز قولۇشدى _ ئۇلار ئىككىسى قىز سوراشتى، يەنى قۇدىلاشماقچى بولدى. ئىككى كىشىنىڭ بىر - بىرىدىن بىرەر نەرسە سورىشى ئۈچۈنمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۈڭۈر قازىن بولۇشتى
قىرقىن راقى قولۇشتى
ئەمدى تىشىم قاماشتى
ئالتى تۇرۇمتايىمنى
«قارشى قۇدا بولۇشتى،
قىزنى تېخى سوراشتى،
ئەمدى چىشىم قاماشتى،
تۇرۇمتايىمنى ئېلىپ قاچتى.»
گېپىدە تۇرمىغان كىشى توغرىسىدا شائىر شۇنداق دەيدۇ: ئۇ مېنىڭ بىلەن قۇدىلاشماقچى بولۇپ، قىزىمنى سوراتتى، مەنمۇ ئۇنىڭقىزىنى سوراتتىم. كېيىن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ھەتتا (تۇرۇمتاي) دېگەن قۇلۇمنى ئېلىپ قاچتى، بۇنىڭغا چىشلىرىم غىچىرلاپ كەتتى.
2 - 150