Uyghur主要词典
قولتۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئادەمنىڭ ئەزاسى. قول بىلەن مۆرە تۇتاشقان يەرنىڭ ئاستىدىكى ئويمان يەر.
قولتۇق تۈكى، قولتۇق تاياق. * قولتۇق بىخ. * قولتۇق سېسىقى. * قولتۇقىغا كىرىۋالماق. * ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس (ماقال). * قولۇڭنى يۇيۇپ، قولتۇقۇڭغا ئۇر (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . جوغراپىيە ئاتالغۇسى. دېڭىزنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆسۈپ كىرگەن قىلسىمى.
پارس قولتۇقى.
2 . قولتۇق. مىقدار سۆز. قولتۇقلانغان نەرسىنىڭ بىرلىكى. بىر قولتۇق ئوتۇن. *مەن بەش قولتۇق بېدە توشۇدۇم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېڭىز - ئوكياننىڭ قۇرۇقلۇققا كىرگەن قىسمى.
بوخەي قولتۇقى دېڭىز قاتنىشىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. پارس كۆرپىزىدىكى ئۇرۇش ئىراقنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى، ئىراق خەلقىغە ئېغىر بالايىئاپەت كەلتۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <ئانات> قول بىلەن مۈرە تۇتاشقان جاينىڭ ئاستىنقى ئويمان قىسمى.
قولتۇق پۇراش.
ئى. كېيىملەرنىڭ شۇ جايغا توغرا كېلىدىغان قىسمى.
چاپاننىڭ قولتۇقى، كۆڭلەكنىڭ قولتۇقى.
ئى <بىئول> جانلىق ئورگانىزملارنىڭ شۇ خىل شەكىلدىكى قىسمى.
قولتۇق بىخ.
ئى. كۆچمە. دېڭىز، دەريا قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ياكى ئەگىلگەن قىسمى: كۆرپەز.
دېڭىز قولتۇقى. دەريا قولتۇقى.
ئى. تاغ، ساي، توقاي، يار ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قولتۇق شەكلىدىكى قىسمى.
تاغ قولتۇقى.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، نەرسىلەرنىڭ قولتۇققا قىسقۇدەك دەرىجىدىكى مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قولتۇق ئوتۇن.