Uyghur主要词典
قولچوماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زالىم - زومىگەرلەرنىڭ زۇلمىغا ياردەملەشكۈچى غالچىلار، يالاقچىلار.
پادىشاھ ئوردىدا بولمىسا، قولچۇماقلىرى جاھاننى بۇزار. يامانغا يانتاياق بولما. زالىمنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى يۇرتنىڭ ئاپىتى. زومىگەرنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى زومىگەردىنمۇ يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قول + چوماق
ئىسىم
باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى، يېتەكلىشى، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ يامان ئىش قىلىدىغان كىشى؛ غالچا.
ئۇ ئولارنى تاشلاپ قويۇپ، قولچوماقلىرىنى باشلاپ ئۇخلىغىلى ماڭدى.