Uyghur主要词典
قويماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولىدىكى نەرسىنى (ئومۇمەن كۆرۈۋالغان نەرسىنى) بىرەر جايغا ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق.
بوۋاي قويغىنىنى بىلمەس، موماي تويغىنىنى بىلمەس (ماقال).
بىرەر جاي ياكى نەرسىنىڭ ئۈستىگە تىرەپ، تاقاپ، قوندۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق.
بېشىنى قويماق.
پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرەر نەرسە بەرمەك.
ئۇ ھەر قېتىم مائاشىنى ئالغاندا، مەلۇم نىسبەتتە قېرىلارنىڭ ئالدىغا قوياتتى.
قۇرماق، سالماق؛ ئورناتماق، ئورۇنلاشتۇرماق.
دەرىزىگە ئەينەك قويماق.
ئۆز يېنىدا ئېلىپ كەتمەي بىرەر جايدا قالدۇرماق، بىر كىمنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە ياكى قاراپ قويۇشىغا تاپشۇرماق.
بانكىدا قويماق.
ۋاز كەچمەك.
يىقىلغان چېلىشقا تويماس، بەتنىيەت خۇيىنى قويماس (ماقال).
بولدى قىلماق، ئاياغلاشتۇرماق، تۈگەتمەك؛ تاشلىماق (گەپ - سۆز، بايان - چۈشەندۈرۈش ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
- چاقچىقىڭنى قوي، - دېدى تاشۋاي، - مەن تېخى گۈلەختىكى چاغلىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم.
بېرىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن نەرسىنى يېيىش - ئىچىشكە دەۋەت قىلماق يەنى باقماق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ (ئومۇمەن ھايۋانلار ھەققىدە).
ئۇلاغنى ئوتقا قويماق.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەك، رۇخسەت قىلماق.
دېسە، دېگۈچە قويدۇم، كېسىپ يىگۈچە قويدۇم. (ماقال).
تىنچلىق، خاتىرجەملىك بەرمەك.
ئىختىيارىغا قويماق.
بەرمەك، باغلىماق، قاراتماق، بېغىشلىماق (روھىي دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەر ھەققىدە).
كۆڭۈل قويماق.
مۇپتىلا قىلماق، دۇچار قىلماق، يولۇقتۇرماق.
گەپكە قويماق.
مۇھاكىمە، مۇنازىرە قاتارلىقلار ئۈچۈن ئېيتماق، دېمەك، بايان قىلماق.
سۇئال قويماق.
دەپنە قىلماق، كۆممەك.
يەرلىكىگە قويماق.
بەلگىلىمەك، بەلگىلەپ بەرمەك.
باھا قويماق.
كۆچمە. يۈكلىمەك، ئارتماق، تاڭماق (ئەيب، گۇناھ قاتارلىقلار ھەققىدە).
- بۇ قانداق ئىش؟ ئۇلارنىڭ ساڭا قويغان ئەيىبلىرى توغرىمۇ؟ - دەپ كەمبەغەلدىن سوراپتۇ شاھ.
بىرەر ئىش، ۋەزىپىگە تەيىنلىمەك، بەلگىلىمەك.
پوستقا قويماق.
ئاتىماق، ....دەپ بېكىتمەك (تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ نام - ئىسمى ھەققىدە).
ئىسىم قويماق.
بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماق ياكى قالدۇرماق، ھاۋالە قىلماق.
خۇداغا قويماق.
باشقىلار ئالدىدا نامايەن قىلماق، كۆرسەتمەك.
ئويۇن قويماق.
يولىنى ئېچىپ باشلاپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ياپماق، يەتكۈزمەك، يوللىماق (سۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
سۇ قويماق.
ئۇرماق، سالملاق، تەگكۈزمەك.
سادىر پېشانىسىگە بىرنى قويدى.
ھېسابلىماق، دەپ بىلمەك، كىرگۈزمەك، سانىماق.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى چوڭ ئادەملەر قاتارىغا قويىدىغان بولۇشتى.
ئۆستۈرمەك (چاچ، ساقال، تىرناق قاتارلىقلار ھەققىدە).
بۇرۇت قويماق.
تىكمەك (كۆچەت قاتارلىقلار ھەققىدە).
كۆچەت قويماق.
باسماق، ئالماق، تاشلىماق (قەدەم، ئاياغ ھەققىدە).
قەدەم قويماق.
بەلگە سالماق؛ يازماق، سىزماق؛ باسماق.
ئىمزا قويماق.
تۇتاشتۇرۇپ ئۇلغايتماق، پەيدا قىلماق (ئوت ھەققىدە).
ئوت قويماق.
ئىشقا سالماق، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك (ئومۇمەن ئېلېكتر كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە).
رادىئونى قويماق. ئۈنئالغۇنى قويماق.
مەلۇم ئىشنى بېجىرىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتمەك، ماڭدۇرماق، ئىشقا سالماق.
ئەلچى قويماق.
سۈرتمەك، سۈركىمەك، سۇۋىماق (ئوسما، خېنە قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئوسما قويماق.
ماقۇل بولماق، قوشۇلماق، ئۇنىماق، خالىماق.
ئوينىغىلى قويماق.
چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ <قالدۇرماي، تولۇق، تەپسىلىي، ئالا تاشلىماي> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
قويماي ئېيتماق.
بەزى سۈپەتلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى شۇ سۈپەتتىن ئاڭلىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈش ياكى شۇ ھالەتتە قالدۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ.
قورساقنى ئاچ قويماق.
بولۇشسىز پېئىلدىن كېيىن بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ، ئالدىدىكى پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى ئورۇنلىمىسا، بېجىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
- مەكتەپكە بارماي قويما! - دېدى ئۇ ئوغلىغا تەھدىت تەلەپپۇزى بىلەن.
ئۆتۈملۈك ۋە قىسمەن ئۆتۈمسىز پېئىللارنىڭ <- پ، - ىپ، - ۇپ،- ۈپ> قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، تۆۋەندىكىدەك تۈس مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ:1( رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تولۇق ئورۇنلىنىشىنى، تۈگەللىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆيلەپ قويماق.
2) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، ئەپسۇسلىنارلىق، ئېچىنىشلىق ھالەتتە يۈز بەرگەنلىكىنى، تاماملىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ساقلىتىپ قويماق.
3( رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئالدىدىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن بۇ ئىشقا بېلىمنى باغلاپ قويدۇم.
4) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ رەسمىيەتچىلىك ئۈچۈنلا ياكى سۇس، ئېتىبارسىز، ئاستا ھالەتتە ۋە ياكى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنداقلا، خۇشياقماسلىق بىلەن ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاكىم دىمىغىنى قىرىپ، قۇمشۇقىنى تولغاپ قويدى.
بەزى پېئىللارنىڭ <ي> بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇشسىز ھەرىكەتكە قەيئىيلىك تۈسىنى كىرگۈزىدۇ.
خەۋىرىڭىز بار، كېيىنكى كۈنلەردە مەن يېزىغا كەلمەي قويدۇم.